مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياخشى تەدبىر كۆرسىتىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇلماقتا

___ دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2019.11.06 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، ئومۇمىي يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، بۇ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى ئۆگىنىش جەريانىدا مۇنداق دەپ قارىدى: ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق يىلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار» دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش» يېڭى مەنزىلىگە قەدەم تاشلاشتىكى مۇھىم ئابىدە. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ