مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈچېڭ: شەرقىي ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ «ئۆلچەملىك ھەرىكىتى»گە ئايلاندى، دېدى

2019.11.05 16:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى يۈچېڭ شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ياخشى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. بىزدە «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نىڭ يېتەكچىلىكى بار، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىمۇ ئېنىق يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتتى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ ھەمدە ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسى بار.

  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، دەرەخ جىم تۇراي دېسىمۇ شامال جىم توختاتمايدۇ. گەرچە نەنخەي دېڭىزى ئىزچىل تىپتىنچ بولسىمۇ، لېكىن رايون سىرتىدىكى ئايرىم دۆلەتلەر يىراقتىن نەنخەيگە كېلىپ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جىددىيلىك پەيدا قىلدى. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۇلارنىڭ «ئۆلچەملىك ھەرىكىتى» بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئۇسۇل ئىجابىيلىققا ئىگە ئەمەس، مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ. بىز رايون سىرتىدىكى ئايرىم دۆلەتلەرگە رايون دۆلەتلىرىنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇنى قوللىشىنى، ھەمكارلىقنىڭ قالايمىقانلاشتۇرغۇچىسى بولماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ