مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان مەزگىلدە سېتىلغان ئىمپورت كۆرگەزمە بۇيۇملىرى باجدا ئېتىبار بېرىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

2019.11.05 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى قوللاش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، باج باش ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان مەزگىلدە سېتىلغان ئىمپورت كۆرگەزمە بۇيۇملىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 11- ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە سېتىلغان مۇۋاپىق مىقداردىكى ئىمپورت كۆرگەزمە بۇيۇملىرى (دۆلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملار، يوقىلىش ئالدىدىكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا بۇيۇملار، دۆلەت باج كەچۈرۈم قىلماسلىقنى بەلگىلىگەن 20 خىل تاۋار ۋە ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئىمپورت ھالقىسىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنىڭ %70ى بويىچە ئېلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان 35 كارخانىنىڭ تاۋارلىرى بەلگىلەنگەن سېتىش نورمىسى ئىچىدە يۇقىرىقى باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. كۆرگەزمىگە قاتناشقان باشقا كارخانىلار بەھرىمەن بولىدىغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ سېتىش نورمىسى 20 مىڭ دوللاردىن ئاشمايدۇ، كارخانىلارنىڭ كونكرېت تىزىملىكىنى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمە ئىدارىسى، دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېكىتىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سېتىش نورمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ھەم چېگرادىن چىقىرىلمايدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قائىدە - تەرتىپ بويىچە باج ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ