مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بەش ئۆلكە (شەھەر)نىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى

2019.11.05 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2019-يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۇچىلىق بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە (شەھەر)نىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلىتىدىكەن.

  7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئايغىچە، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، چاڭجياڭ - خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي رايونلىرى، خۇاڭخې - خۇەيخې دەرياسىنىڭ غەربىي رايونلىرى، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ شەرقى ۋە خۇبېي قاتارلىق جايلارنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 30تىن % 70كىچە كېمىيىپ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇڭتىڭ كۆلى، پوياڭ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى بىر مەھەل ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.8 مېتىر، 5.7 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، 2012-يىلىدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سۇ ئورنى ئەڭ تۆۋەن بولغان. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوچۇق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى قىسمەن ئۆلكە (شەھەر)لەرنىڭ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى تېز ئەۋج ئېلىپ، بەزى رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

  ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا، مەركەز مالىيەسى 2019- يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۇچىلىق بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، خۇنەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق بەش ئۆلكە (شەھەر)نىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ