مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى گوۋۇيۈەننىڭ 6- قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان 32 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدى

2019.11.05 14:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جايلار ۋە تارماقلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش، دادىل ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ 6- قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بايقالغان 32 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى تەقدىرلىدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 6- قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالاقىدار رايونلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راستچىل ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالتە مۇقىملىق»نى زورايتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەشتە، تەقدىرلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدىغان تىپىك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللار جەمئىي 32 تۈرلۈك بولۇپ، بۇ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىكى 16 ئۆلكە (رايون ۋە شەھەر)گە چېتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ