مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنىڭ مەخسۇس كۈرىشىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 100 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

مۇشتۇمزور قارا گۇرۇھقا ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق يەنە 4000دىن ئارتۇق قاچقۇن جازا سىرتىدا قالماقتا

2019.11.05 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ چاڭئەن شەمشىرى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يەنە بىر قېتىملىق زور جەڭنى باشلىغان بولۇپ، نىشان «توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىق»لارغا قارىتىلغان. 11- ئاينىڭ 4- كۈنى، مۇشتۇمزورلارنى تازىلاش مەملىكەتلىك ئىشخانىسى بېيجىڭدا سىن يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىشنىڭ 100 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، مەملىكەت بويىچە مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يىشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 100 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر قېزىپ، يىلتىزىدىن تۈزەش يېڭى دولقۇنىنى قوزغاپ، قوغلاپ تۇتۇشتەك قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تورنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بىر تور بىلەنلا تولۇق يوقىتىش، رەزىللىكنى تۈگىتىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇشتۇمزورلارغا زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «جۇڭگونى ئىدارە قىلىش»نى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  چېن يىشىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قېچىپ يۈرگەن كىشىلەر تۇتۇلمىسا، دېلونى پاش قىلىش تەس بولىدۇ، ھەققانىيەتنىڭ كۈچىنى ئەۋج ئالدۇرۇش تەس بولىدۇ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش تەس بولىدۇ، ئامما رازى بولمايدۇ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 100 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، چوقۇم رەزىللىكنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىش، قارا كۈچلەر ھەتتا دۇنيانىڭ ئۇ بىر چېتىگە قېچىپ كەتسىمۇ، ئۇنى چوقۇم تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ يەنى چوڭقۇر قېزىپ، يىلتىزىدىن تۈزەشتەك يېڭى دولقۇننى قوزغاپ، يوشۇرۇنىۋالغان ۋە چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن دېگەندەك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقانلارنىڭ قانۇننىڭ سىرتىدا ئەركىن كېزىپ يۈرىۋېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىق، ئۇ خىل «چوڭ مۇشتۇمزورلار ۋە كىچىك رەزىلكەشلەر»نى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بىرلىكتە تۇتۇش؛ «تۇرۇپنى لېيى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ چىقىش»، قانۇن-ئىنتىزام بويىچە بىر تۈركۈم «ئاممىغا زىيان سالغۇچى» مۇشتۇمزورلارنى قاتتىق جازالاش؛ يەنى پۇقرالارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، قورقماي، بۇ مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ