مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇش كېرەك

_ _ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2019.11.05 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، كۆرۈنەرلىك ئۈستۈنلۈك كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  تۆت كۈن ئىلگىرى يېپىلغان پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»غا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئۇ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈچنى ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى يېڭى دەۋردىكى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيىسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  «ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر». ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان باش مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچىسى خې لېي مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى بىر قېتىم مەخسۇس تەتقىق قىلىش بولسا، پارتىيەمىزنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېچىلدى، بۇ، ئىجادچانلىققا تولغان ۋە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ