خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى شاڭخەي لۈگۇ دورا ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالزېيمېرنى داۋالايدىغان يېڭى دورىسى __ جيۇچىيى (گەنلۇتېنا، ۋاكالەت نومۇرى: GV-971)نىڭ بازارغا سېلىنىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى، بۇ دورا يېنىك دەرىجىدىن ئوتتۇرھال دەرىجىگىچە بولغان ئالزېيمېر كېسىلىنى داۋالاپ، ئاغرىقنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. جيۇچىيى ئالدىن باھالاپ تەستىقلاش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنىپ، بۇ ساھەدە 17 يىلدىن بۇيان يېڭى دورا بازارغا سېلىنماسلىقتەك بوشلۇقنى تولۇقلىدى.
بۇنىڭغا ئوخشاش جۇڭگو ئىجاد قىلغان، خەلقئارادىكى تۇنجى مېڭە- ئۈچەي ئوقىغا قارىتىلغان ئالزېيمېر كېسىلىنى داۋالاش يېڭى دورىسى ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى يېڭى داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقتىن تەخمىنەن 10 مىليونى بولۇپ، دۇنيادىكى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا ئەگىشىپ، 2050-يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىز ئاغرىقلىرىنىڭ 40 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئالزېيمېر كېسىلى بايقالغان 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيادا كىلىنىكىلىق داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىدىن پەقەت بەش خىلىلا بولۇپ، كىلىنىكىدىكى ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى. پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ دورا ياساش شىركەتلىرى ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، يېڭى داۋالاش دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا نەچچە 100 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، كىلىنىكىلىق تەتقىقاتقا كىرگەن 320دىن ئارتۇق دورىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ