خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسى «قوش تۈمەن پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرىدىن دۆلەت دەرىجىلىكىدىن 10 مىڭ دەرسنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك دەرسلەردىن 10 مىڭ دەرسنى بېكىتىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 10 مىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىرىنى بېكىتىش دېگەندە، ئىجادچانلىققا ئىگە، كۆپ تىپلىق ۋە قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان دەرس قۇرۇلۇشىغا ۋە دەرسلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئاساسىدا ، 2019- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، تورغا قويۇلىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرسلەردىن 4000چە دەرسنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تور سىرتىدىكى دەرسلەردىن 4000چە دەرسنى، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان توردا ۋە تور سىرتىدا ئارىلاش بولىدىغان دەرسلەردىن 6000چە دەرسنى، تەقلىدىي تەجىربە ئوقۇتۇشىدا دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرسلەردىن 1500چە دەرسنى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە ئائىت دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دەرسلەردىن 1000چە دەرسنى بېكىتىپ چىقىش خىزمىتىنى تاماملاشنى كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ