مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقاتتى

ئۇدا ئۈچ يىلغىچە تولۇق كۇرس دەرسلىرىنى ئۈستىگە ئالمىغان پروفېسسورلار ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ

2019.11.01 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تۆنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ يەن مۇنداق دېدى: تولۇق كۇرس مائارىپى بولسا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. تولۇق كۇرس مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇشتا، پەقەت مەلۇم بىر مەسىلىدە ۋە مەلۇم بىر جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش، ھەتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىلەنلا مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بەلكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئادەم تەربىيىلەش ئىدىيەسىنى يېڭىلاش، تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، سۈپەت ئۆلچىمىنى تۈزۈش، تېخنىكا ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش شەكىلىنى ئۆزگەرتىش، سۈپەت-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  شۇ كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. ئۇنىڭدا، ئۈچ يىلچە ۋاقىت ئىچىدە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرىدىن دۆلەت دەرىجىلىكىدىن 10 مىڭ دەرس ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكىدىن 10 مىڭ دەرس قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپلەر چوقۇم پروفېسسورلارنى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىشكە سېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۇدا ئۈچ يىلغىچە تولۇق كۇرس دەرسلىرىنى ئۈستىگە ئالمىغان پروفېسسورلار ۋە دوتسېنتلارنى ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدىن يۆتكەپ چىقىرىۋېتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان سېلىشتۇرما تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دەرس ئىجازىتى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ دەرس ئۆتكىلىنى ئىگىلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «كەسپىي بىلىم كەمچىل بولغان دەرسلەر»نىڭ دەرسخانىغا كىرىشىنى رەت قىلىش كېرەك. ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، «قايتا ئىمتىھان بېرىش»نى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. دەرس سۈپىتىنى باھالاشنى چىڭىتىپ، كەسپىي ئىسپات بېرىش، ئوقۇتۇش باھالىشىدا دەرس باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  «پىكىر»دە، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دەرسخانا لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، دەرسنى قانداق ياخشى سۆزلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نوقۇل ھالدا پەقەت بىلىم يەتكۈزۈشكىلا دىققەت قىلىدىغان، ئەمما ئىقتىدار ۋە ساپانى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئۆگىنىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشنى ئاددىي ئىش، دەپ قارايدىغان ۋە ئۇنىڭدا شەكىلۋازلىق قىلىدىغان ناچار ئىللەتنى توسۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق تەربىيەلەشتەك ئۇسۇللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا پەقەت دەرسلا ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسسىپ ھالدا ئاڭلىشىدەك كونا ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرىدە، ئىجادچان، كۆپ تىپلىق ۋە قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان دەرس قۇرۇلۇشىغا ۋە دەرسلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تولۇق كۇرس دەرسلىرىدە بولسا، شۇ رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان مائارىپ ۋە ئوقۇتۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ياردىمى بىرىدىغان دەرسلەرنىڭ بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ