جۇڭگو ياساپ تاپشۇرغان لەيلىمە دوكنىڭ ئەمدى كۇبا سۇ تىرانسپورتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردىمى بولدى

2019.11.01 15:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- ئۆكتەبىر كۇبانىڭ ھاۋانادا شۇ جايدىكى خىزمەتچىلەر جۇڭگو ياسىغان لەيلىمە دوكنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. جۇڭگو ماشىنىسازلىق ئىمپورت-ئېكسپورت (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى 30- چېسلا كۇبا قاتناش مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئەڭ چوڭ كېمە رېمونت قىلىش-ياساش زاۋۇتىغا جۇڭگو ياسىغان 22مىڭ توننىلىق بىر لەيلىمە دوكنى تاپشۇردى. بۇ، نۆۋەتتە كۇبا ھەتتا كارىب رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئىلغار دوك بولۇپ، ئۇ، كۇبا سۇ تىرانسىپورتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ