مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدىكى ئۇلۇغ بايانات

−− پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ياندىن خاتىرىسى

2019.11.01 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  10-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن غەلىبىلىك يېپىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىنغا قاتناشقان بارلىق يولداشلار ئورنىدىن تۇردى، ھەيۋەتلىك ئىنتېرناتسىئونال شېئىرى خەلق سارىيىدا ياڭرىدى، قويۇق، چوڭقۇر مېلودىيە تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇردى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار مۇساپىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يېڭى پارلاق سەھىپە ياراتتى.

  «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى»

  10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بېيجىڭدا، كەڭرى كەتكەن چاڭئەن كوچىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان گۈل سېۋىتى ۋە لوزۇنكىلار يەنىلا بايرام كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە ئىدى.

  غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ سوزۇلغان لىنىيەسىگە جايلاشقان جىڭشى مېھمانخانىسى ھەيۋەتلىك ھەم جىمجىت ئىدى. بۇ يەر ئىلگىرى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار بارلىققا كەلگەن جاي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان يەنە بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن مۇشۇ يەردە باشلاندى.

  28-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى چوڭ يىغىن زالىدا كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرىدىن 370دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  سائەت 9 دا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى رەھبىرىي يولداشلار يىغىن مەيدانىغا كىردى، مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى.

  «يولداشلار، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ھازىر باشلاندى! بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلارغا بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ۋەزىپىسى ۋە تەرتىپىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  «پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، 20 ئاي بولدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر، خىرىس ۋە كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ