شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ «ئىچى-تېشى تولۇق بېزىلىپ» ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋالدى

2019.10.31 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ قۇت بەلگىسى بولغان مۈشۈكئېيىق «جىنباۋ» دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) نىڭ جەنۇبىي مەيدانىغا بىر قاتار قىلىپ تىزىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) دە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. مەيدان ساراينىڭ سىرتىنى بېزەشتىن تارتىپ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۆرگەزمە سۇپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە ۋە چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى قۇراشتۇرۇپ تەڭشەشكىچە، «تۆت قۇلاقلىق ئوت» دېگەن نامى بار دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى (شاڭخەي) نىڭ «ئىچى-تېشى تولۇق بېزىلىپ»، ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى كۈتۈۋالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ