گۇاڭشى نەندەندىكى بىر كانچىلىق شىركىتىدە شامال ئۆتۈشۈش يولى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشتە 11 ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېنىقلاندى

2019.10.31 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: قۇتقۇزۇش خادىملىرى شامال ئۆتۈشۈش يولى غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن گۇاڭشى نەندەن ناھىيەسى چىڭدا شىيۈەن كانچىلىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ كان ئېغىزىدىن چىقماقتا (29-ئۆكتەبىر تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى نەندەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10- ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت 3 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، نەندەن ناھىيەسىدىكى ئامما دىلو مەلۇم قىلىپ، گۇاڭشى نەندەن ناھىيەسى داپىڭ كەنتى كان رايونىنىڭ سىنك، كۈمۈش، قوغۇشۇن، سۈرمە، قەلەي كان رايونىدىكى نەندەن ناھىيەسى چىڭدا شىيۈەن كانچىلىق مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدە ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ جاينىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 11 ئادەمنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى ئېنىقلانغان، نۆۋەتتە ئىككى ئادەم بايقالغان، ئىككىلىسىدە ھاياتلىق ئالامىتى كۆرۈلمىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ