مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھۆججەتلىك فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى كۆرگەزمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلدى

2019.10.31 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 29-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە جۇڭگونىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، بەش قىتئە تارقىتىش مەركىزى بىلەن رابات جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ھۆججەتلىك فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى كۆرگەزمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتا ئۆتكۈزۈلدى.

  جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو ۋېيمىن، جۇڭگونىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى لى ۋە ماراكەش خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقى، ماراكەش چاد تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مىسىر ئېھرام مەتبۇئات گۇرۇھى، ئىسلام مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇلار مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو-ماراكەش ئىككى دۆلەت ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى جۇڭگو بەش قىتئە تارقىتىش مەركىزى بىلەن ئامېرىكا ئىزدىنىش قانىلى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، بىر قاتار جانلىق، تەسىرلىك ھېكايە مىساللار ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق شەرھلىگەن. بۇ فىلىم بۇندىن بۇرۇن ئىزدىنىش قانىلى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا كۆرسىتىلىپ، قىزغىن ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

  گو ۋېيمىن تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ماراكەش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇش ئارقىلىق، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىدەك ئېسىل ھېكايىلەردىن ماراكەشتىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمبەھىرلىنىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ماراكەش ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرگەزمە قىلىپ قويۇش نەق مەيدانىدا، ماراكەشتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»گە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى باھا بەردى. ئىگىلىنىشىچە، «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى» بۇنىڭدىن كېيىن ماراكەش چاد تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ماراكەشتىكى ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سۇپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم ماراكەشتە قويۇلۇشى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قوزغىغان «جۇڭگونى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش، يەر شارى بويىچە قويۇش» پائالىيىتىنىڭ ماراكەشكە رەسمىي كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ پائالىيەت يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، 70 نەچچە كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى تاللاپ، دۇنيادىكى 50 نەچچە دۆلەتتىكى 60 نەچچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇ سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ