مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» پۈتۈن ئارمىيەگە بېسىپ تارقىتىلدى

2019.10.31 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەينەن، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» نى تۈزۈپ بېسىپ، يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىپ تارقاتتى.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيەدىن «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» نى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەشنى تەلەپ قىلدى. «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» نى ئۆگىنىش بىلەن «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا»، «شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش پىروگراممىسى»نى ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قائىدىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

  پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كادىرلارنى نەزەرىيە ئارقىلىق نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش، قىسىمنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشى، بولۇپمۇ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ۋە «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش» باش تېما تەربىيەسىدە «شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا (2)» نى ئۆگىنىشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىش كېرەك. كەڭ نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى تەتقىق قىلىپ شەرھلەشنى كۈچەيتىشى، ئارمىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشتە ئالدىدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە لېكسىيە سۆزلەش، يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ