خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىدۇ، 10-ئاينىڭ 29- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت پۇقراسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ
سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شوۋۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: «پىكىر» تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش يېڭى ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت پۇقراسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا، تاشقى مەبلەغ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، تۆت جەھەتتىن 20 ماددىلىق تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتىنىڭ پاسسىپ تىزىملىكى داۋاملىق ئىخچاملىنىپ، پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن چەكلىمە، تەدبىر قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك تازىلىنىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش مۇساپىسى تېزلىتىلىپ، ئاپتوموبىل تاشقى مەبلەغ سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئادىل بولغان تىجارەت مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ ... ۋەھاكازالار.
سېلىنما ئاشۇرۇلۇپ، سالماق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنىڭ پەن- تېخىنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلىرىدا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلار ئالدىن كۆپەيتىلىدۇ.
مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. چېگرا ھالقىغان مەبلەغنى ئىشلىتىش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىش قولايلىق دەرىجىسى ئاشۇرۇلۇپ، چەت ئەل مەبلىغى تۈرىنىڭ يەر ئىشلىتىش تەستىق تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.
چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ. ئەرزنى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سىياسەتنى ئۆلچەملىك ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، قېلىپلاشقان ھۆججەت تۈزۈشنىڭ ئاشكارىلىقى ئۆستۈرۈلۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەدلىيەلىك قوغداشنىڭ مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ ... ۋەھاكازالار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى