مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسى تېزلىتىلدى

سىرتقا ئېچىۋېتىشتە باتۇرلار ئالدىدا ماڭىدۇ

2019.10.31 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كىشىلەر دىققىتىنى ئەزەلدىن بۇ ئىسسىق تۇپراقتىن ئۈزۈپ باقمىدى.

  چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى دۆلىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئەڭ جانلىق، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. يېڭى دەۋر ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى شىددەتلىك ئېقىندا مەزمۇت تۇردى.

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغانلىقى ھەم ئۇنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. يېقىندا، «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى تېزىسى» بېسىپ تارقىتىلدى.

  پۈتۈن دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، جانلىق ئېشىش قۇتۇبى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈلگە رايونى، زامانىۋىلىشىشنى ئالدى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان يېتەكچى رايون، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رايون ۋە يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى __ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن بەلگىلەنگەن چاڭجياڭ دېلتىسى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈش»، «يۇقىرى سۈپەت»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئىنچىكە سىزما رەسىم» سىزىپ، ئۇنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسى تېزلىتىلمەكتە.

  يۇقىرى سۈپەتتە ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىش

  بىر ئادەمسىز ئاپتوموبىل بىردەم سۇ كېچىپ، بىردەم داۋانغا يامىشاتتى، ئاپتوموبىل ئىچىدە پەقەت ھەيرانلىقتا ئولتۇرغان يولۇچىلار ۋە قۇرۇق ئايلىنىۋاتقان رول بار ئىدى... جېجياڭ جياشەندە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلىنى يېپىق سىناق قىلىش مەيدانى بار. ياندىكى ئېگىز بىناغا ئېگىز قىلىپ ئېسىلغان «شاڭخەي ئىختىساسلىقلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى» دېگەن لەۋھە تاختىسى كۆزگە تاشلىنىپ، جياشەن كىشىلىرىنىڭ «دېڭىز»دىن تۇغۇلغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ.

  شاڭخەي، سۇجوۋ، خاڭجوۋدىن ئىبارەت ئۈچ داڭلىق شەھەرگە بېقىنىدىغان جياشەن ئىلگىرى «چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىدىكى چۆپ ئۆسمەيدىغان» كۆلەڭگە ئىدى. جېجياڭنى شاڭخەيگە ئۇلايدىغان «1-بېكەت» قىلىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، جياشەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى، پەن-تېخنىكىلارنى جەلپ قىلىدىغان ئىسسىق تۇپراققا ئايلاندى. ئىلگىرىكى «كىچىك ناھىيە» ياخشى «يۇغۇرۇلۇپ»، ئىچىگە، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭلىق «جياشەن ئۈلگىسى»نى پۈتتى.

  كېڭەيتىپ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، باشتىن-ئاخىر چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھېكايىسىغا يېزىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ