شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى زىيارەت

2019.10.30 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيىسىدىكى لاڭيى ساپ توكلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى (10- ئاينىڭ 29- كۈنى تارتىلغان)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىر شاڭخەي شەھىرىنىڭ جيادىڭ رايونىدىكى شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل- لاڭيى ساپ توكلۇق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى زىيارەت قىلدى. شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى بولسا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە شېرىكلىشىپ ئېچىۋاتقان كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭدا شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى بىلەن داجۇڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىدۇ، شىركەتنىڭ باش شىتابى شاڭخەي ئەنتىڭغا جايلاشقان. 2018- يىلى 10- ئايدا، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئىش باشلاندى. بۇ، داجۇڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يېڭىدىن قۇرغان توكلۇق ئاپتوموبىل مودۇللاشتۇرۇلغان سۇپا زاۋۇتى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ