دۆلەتنى تىنچلاندۇرۇش ___ قەدىمدىن ھازىرغىچە سانسىزلىغان دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ھارماي-تالماي ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىش غايىسى شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزدىنىشىدۇر.
10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 31-كۈنگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش يىغىننىڭ روشەن باش تېمىسى.
70 يىللىق قۇدرەتلىك كۈچنى يىغىپ، يېڭى دەۋردە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىغا ئاتلىنىش.
يېڭى دەۋر شاھىت بولماقتا، تارىخ مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلىنىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، «جۇڭگو ئىدارە قىلىش»نىڭ يېڭى مەنزىلىگە توختىماي ئاتلاندى، جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تۈزۈم مەدەنىيلىكى ئۈچۈن يېڭى جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشىدۇ.
ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش __
پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچ ۋە زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە سىياسىي مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى.
ئالتۇن كۈزدە، بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيى كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.
كىشىلەر «ئۇلۇغ مۇساپە، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت __ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»گە كىرىپ، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ۋاقىت تونىلىنى بويلاپ مېڭىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلىرىنى كۆردى.
خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئورنىتىش، پارتىيەنىڭ سايلام تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ... ھەر بىر كۆرگەزمە تاختىسى، كۆرگەزمە بويۇمى 70 يىللىق تەرەققىيات مۆجىزىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشىدىن تەدرىجىي مۇكەممەللىشىشى، ئىزدىنىپ ئىلگىرىلەشتىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ مۇقىملىشىشتەك ئۇچقاندەك ئۆرلەش سىزىقىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى