دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول ۋە ئەرلەر ۋالىبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى چېمپىيون بولدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول ۋە ئەرلەر ۋالىبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى چېمپىيون بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، سەل بۇرۇن ئاياغلاشقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەش تۈر ئەرلەر توسالغۇلۇق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ۋە ئاياللار توسالغۇلۇق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 65: 93 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەنى يېڭىپ، ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى، مۇسابىقىدىن كېيىن جۇڭگو 1-ئاۋغۇست ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى لى مېڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېمپىيونلۇق ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇنىڭغا پۈتۈن كوللېكتىپ ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشتى. سەل كېيىنرەك ئاياغلاشقان ئەرلەر ۋالىبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ئەرلەر ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ياخشى بولۇپ، بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، چېمپىيون بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 10-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاياغلاشقان ھەربىيلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ ئالاھىدە تۈرى بولغان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بەش تۈر ئەرلەرنىڭ توسالغۇلۇق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ۋە ئاياللارنىڭ توسالغۇلۇق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو «1-ئاۋغۇست» دېڭىز ئارمىيەسى بەش تۈر كوماندىسى مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى ياخشى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بەش تۈر مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى ئالتە تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ