مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پارلاق مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ، دېدى

2019.10.24 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 74-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ 3-كومىتېتى 22-ئۆكتەبىر ئاز سانلىق توپنىڭ ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىنى سەۋەبسىز ئەيىبلىشىگە قارىتا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ خۇا: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قېزىش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  ليۇ خۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇزاق تارىخىي، پارلاق مەدەنىيەتنى ئورتاق ياراتتى. ھازىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئاساسلىقى 10 خىل تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى، ئىجتىمائىي جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

  ليۇ خۇا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، شىبەدىن ئىبارەت ئالتە خىل تىل-يېزىقتا گېزىت، كىتاب، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرى نەشر قىلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق كۆپ خىل تىللىق تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى بار، «شىنجاڭ گېزىتى» خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە تۆت خىل يېزىقتا نەشر قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقامى سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  ليۇ خۇا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇش مەلۇم بىر مىللەتكە قارىتىلغان ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىڭ ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەيلا قالماستىن، بەلكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنگلىز تىلىنى قوش تىل مائارىپىنىڭ تاللىشى قىلماقتا، بۇنىڭغا ھېچكىم گۇمان قىلمىدى، ئۇنى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسى ياكى كەمسىتىش دەرىجىسىگە كۆتۈرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ