مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ ئالتە يىلدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «باش نىشان» نۇر چاقناتتى

2019.10.23 13:53 مەنبە: خەلق تورى

  8- ئاينىڭ 30- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 10- ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلغان ئىدى.

  سىياسىي بيۇرونىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا، ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ھەققىدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندىن باشقا، يەنە «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەتقىق قىلىشقا دائىر بىر قانچە زور مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

  بۇ، كىشىلەرگە ئالتە يىل بۇرۇنقى 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىنى ئەسلەتتى.

  دەل مۇشۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ «باش نىشانى» قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئالتە يىلدىن بۇيان، بۇ «باش نىشان» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە :

  باش نىشاننى ئىككى جۈملە سۆز بىلەن يىغىنچاقلاپ، ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئىگىلەش

  2013- يىلى 11- ئايدا، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى ۋە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە چاقىردى، يەنى، 2020- يىلىغا بارغاندا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسى تەسۋىرلەندى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى سۈپىتىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىلگىرى جۇڭگو نۇرغۇن كونكرېت ساھەلەردىكى ئىسلاھات نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مەسىلەن، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىقلار. لېكىن، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا بىر باش نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش ئىگىلەش پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولدى. بۇ باش نىشاننى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ ئىككى جۈملە سۆزنىڭ ئالدىنقىسىدا، تۈپ يۆنىلىش كۆرسىتىلگەن ۋە كېيىنكىسىدە بولسا، روشەن يۈزلىنىش كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىككىسىنىڭ بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  بىرىنچى جۈملىدە، يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دېگەن جۈملىدە، ئىسلاھاتنىڭ تۈپ يۆنىلىشى، يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈپ سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈم، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇھىم تۈزۈملەر ئۈستىدە تەدرىجىي ھالدا ئىزدىنىشلەر داۋام قىلدى ۋە ئۇلار بېكىتىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 41 يىل ئىچىدە، تەڭشەپ ماسلاشتۇرۇشقا ماھىر سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش، ئۇنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتەك «كىشىلىك توغرا يولى»نى تېپىپ چىقتى.

  ئىككىنچى جۈملىدە، يەنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېگەن جۈملىدە، ئىسلاھاتنىڭ روشەن يۈزلىنىشى، يەنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئىلگىرىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي سۆزلىرى ئىچىدە، «باشقۇرۇش» دېگەن بۇ بىر سۆز ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان، ئەمما «ئىدارە قىلىش» دېگەن سۆز ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلگەن. دېمەك كېيىنكىسىدە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشكە ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلەنگەن بولىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمىنىڭ ۋە تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى دېگىنىمىز، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ئۆزئارا ماسلاشقان دۆلەت تۈزۈمى بولۇپ، ئۇلار ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم، قانۇن-نىزام ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولسا، دۆلەت تۈزۈمى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، ئۇلار ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى ۋە ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى ھەمدە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى بولسا، تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ