مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوماندىسى تىكتاك توپ ئەرلەر كوللېكتىپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈچتە بىر نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسىنى يەڭدى

2019.10.22 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئۆكتەبىر كەچتە، دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تىكتاك توپ ئەرلەر كوللېكتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ۋۇخەندىكى ۋۇخۇەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسىنى يېڭىپ، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تىكتاك توپ تۈرىدە تۇنجى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، فەن جېندۇڭ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىككى قېتىم مەيدانغا چىقىپ، چاۋشيەن كوماندىسىنى ئايرىم-ئايرىم 3:1، 3:0 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

  جۇڭگو كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بولۇش جەريانى ئاسانغا توختىمىدى. بىرىنچى مەيداندا فەن جېندۇڭ شيەن يوۋچېڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىۋاتقاندا، بىرىنچى تىركىشىشتە يېڭىلىپ قالدى، ئىككىنچى تىركىشىشتە بىر مەھەل 8: 10 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇدا تۆت نومۇر ئېلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تىركىشىش نومۇرىنى تەڭلەشتۈردى. ئارقىدا قالغان باسقۇچتا، فەن جېندۇڭ ھەر بىر نومۇرغا ئېرىشكەندە تاماشىبىنلار ئورنىدىكى مەدەت ئاۋازلىرى ئالدىنقى قېتىمقىدىن يۇقىرى بولدى، سەپداشلىرىنىڭ مەدەت بېرىشى، چاۋاك چېلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولدى.

  ئەمەلىيەتتە، بېسىممۇ فەن جېندۇڭنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. شۇ كۈنى كەچتىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا ئاللىقاچان كۆرۈلگەن ئىدى، ئەينى چاغدا جۇڭگو كوماندىسى نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن جەريان ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، مەيدانغا چىققان ئۈچ كوماندا ئەزاسىنىڭ ھەممىسى 3:2 نەتىجە بىلەن تەسلىكتە يەڭدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ