مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋرنى ئاچايلى

_ _ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسى

2019.10.22 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بولسا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى ۋە زامانىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. جۇڭگودەك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، جۇڭگو تارىخىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان پۇختا كاپالىتىدۇر.

  2014- يىلى ئالتۇن كۈزلۈك 10- ئايدا، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوققا قاتلام لايىھەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى كۆز ئالدىمىزدا ئومۇميۈزلۈك نامايان بولدى.

  2018- يىلى 8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1 ـ يىغىنى ئېچىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى خىزمىتى رەسمىي ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى پىلانى ئاستا-ئاستا قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت خەلقىگە ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە شانلىق نەتىجە ياراتقان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشىغا ئىلھام بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ