مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

15 تۈرلۈك دۇنيا ئالاقە تورى ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى

2019.10.21 13:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ «دۇنيا ئالاقە تورى ئىلغار پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى» 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن جېجياڭ ئۆلكىسى تۇڭشياڭ شەھىرى ۋۇجېن بازىرى ئالاقە تورى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ 4-قېتىم دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئالاقە تورى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئېلان قىلىش پائالىيىتىدە ۋەكىل خاراكتېرلىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 15 تۈرلۈك پەن-تېخنىكا نەتىجىسى باھالاپ چىقىلدى، بۇلار تۆۋەندىكىچە: كۈنپېڭ 920 بىر تەرەپ قىلغۇچ، ھەممىباپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا يۈزلەنگەن تەكشىسىز بىرىكمە تيەنجى ئۆزىكى، بىرلىككە كەلگەن تەبىئىي تىل ئالدىن مەشقلەندۈرۈش مودېلى ۋە ماشىنا ئوقۇپ چۈشىنىش، 360 گىرادۇسلۇق پۈتۈن نەزەرلىك كۆز − 0day يوچۇق رادار سىستېمىسى، تېسلا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەش ئۆزىكى، فېيجياڭ چوڭقۇر ئۆگىنىش سۇپىسى، POLARDB: ساقلاش-ھېسابلاش ئايرىۋېتىلگەن ۋە تەقسىملەنمە ھەمبەھىرلىك ساقلاش قۇرۇلمىسى ئاساسىدىكى بۇلۇت ئەسلىي تىپلىق ساندان، سىيۈەن 270 ئۆزىكى، پەن-تېخنىكىنى قولايلىققا يۈزلەندۈرۈش ___ پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق زامانىۋى ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشكە ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالگورىفما سۇپىسى Brain++، سىلىتسىي كۇبلۇق چۆكمە سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇلىدىغان كومپىيۇتېر، IPv6 دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شىركەتلەرنىڭ AIدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە چوڭقۇر قوللىنىشى، Versal ماسلىشىشچان ھېسابلاشنى تېزلىتىش سۇپىسى، پۇقرالار ئايروپىلانى ياساش 5G يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە قوللىنىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ