2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى باشلاندى

2019.10.18 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ئۆكتەبىر، تاماشىبىنلار ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.

  شۇ كۈنى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ۋە يۈرۈشلەشكەن كەسىپ كارخانىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئەمەلىي قوللىنىش تىپى، تەنھەرىكەت تىپى، تەجرىبە تىپى قاتارلىق ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 180 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ