ھاۋا ئارمىيەسى داغدۇغىلىق سەپ تۈزۈپ چاڭچۈن ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2019.10.18 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى «كۆكتە قانات قېقىش» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسەتمەكتە.

  شۇ كۈنى، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاۋىياتسىيە ئېچىۋېتىش پائالىيىتى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈندە باشلاندى. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى، پاراشوت بىلەن سەكرەش ئەترىتى بىرلىكتە ئاسماندا پەرۋاز قىلدى، قىرغۇچى- 20، تىرانسپورت- 20، قىرغۇچى-16 قاتارلىق كۆپ خىل ئاساسلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار قانات قېقىپ كۆكنى كەزدى، پاراشوتچى قىسىم ۋە ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمى سەرخىل كۈچ ئەۋەتىپ، جەڭ تاكتىكىسىنى نامايان قىلدى، كۆپ تىپلىق قورال- جابدۇقلار كەڭ كۆلەملىك، پۈتۈن سىستېما بويىچە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. خەلق ھاۋا ئارمىيەسى مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇدرەتلىك سەپ بولۇپ چاڭچۈندە نامايان بولۇپ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ 110 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىدى. ئېچىۋېتىش، ئۆزىگە ئىشىنىش قىياپىتى بىلەن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەرىكىسىگە چوڭ سوۋغا تەقدىم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ