مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيە تەرەپنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋەدىسىدە تۇرۇشقا دەۋەت قىلىمىز، دېدى

2019.10.18 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى مازىرى مەسىلىسىدىكى پاسسىپ يۈزلىنىشىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەنى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش توغرىسىدىكى ئىپادىسى ۋە ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: بۈگۈن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ياسۇكۇنى مازىرىغا نەزىر-چىراغ بويۇملىرى تەقدىم قىلدى، قىسمەن ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ۋە قىسمەن پارلامېنت ئەزالىرى ياسۇكۇنى مازىرىنى تاۋاپ قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياپونىيەنىڭ ياسۇكۇنى مازىرى مەسىلىسىدىكى پاسسىپ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلدى، ياپونىيە تەرەپكە كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، ياسۇكۇنى مازىرى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاشتىكى مەنىۋى قورالى ۋە سىمۋولى بولۇپ، ياسۇكۇنى مازىرىدىكى ئاشۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا نىسبەتەن ئېغىر جىنايى جاۋابكارلىقى بار 14 نەپەر A دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسىگە تاۋاب قىلىنماقتا». ياپونىيەنىڭ بەزى سىياسىي ئەربابلىرىنىڭ ئۇسۇلى ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا تۇتقان خاتا پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە تەرەپنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ