مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىغا سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلماي، بەلكى قوللاش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى

2019.10.18 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىدا نورمال خىزمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا قارىتا سۈنئىي توساق پەيدا قىلغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 17-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئالاقىدار قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىغا سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلماي، بەلكى قوللاش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا تەرەپ: بۇ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئۇسۇللىرىغا قارىتا ئوخشاش تەدبىر، دېگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇ قارارنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارامدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئامېرىكىدا نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا ئارتۇقچە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن سۆزلەشتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ جۇڭگودا نورمال پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ ھەمدە زۆرۈر قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىدى»، دېگەن سۆزى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ئالاقىدار قارارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىغا سۈنئىي توسالغۇ پەيدا قىلماي، بەلكى قوللاش ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ