مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ تارماق بىرلىشىپ مەخسۇس ھەرىكەت قانات يايدۇرۇپ، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى

2019.10.18 15:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 9-ئايدىن 2020-يىلى 12-ئايغىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكىدىكى «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»نى قوغدىدى.

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» ___ «ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازا، ئەڭ قاتتىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش»نى كۆرسىتىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق مەخسۇس ھەرىكەت مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، يېمەك-ئىچمەك توپلاشقان رايون، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون، يېزا ۋە شەھەر-يېزا تۇتاشقان جاي، يېمەكلىك ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك توپ تارقىتىش بازىرى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قاتارلىق رايونلاردا يۈزبەرگەن دېلو؛ كۆلەملەشكەن، تەشكىللىك، زەنجىرلەشكەن دېلو؛ بوۋاقلار يېمەكلىكى ۋە دورىسىغا چېتىلىدىغان دېلو؛ تور، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى، تېلېۋىزوردا مال سېتىش سەھىپىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يۈز بەرگەن دېلو؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ئىجتىمائىي تەسىرى ناچار، جامائەت پىكرى يۈكسەك ئېتىبار بەرگەن دېلو قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىدىكەن.

  مەخسۇس تۈزەشتە «ئادەمگىچە جازالاش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن كارخانا ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى، ئاساسلىق مەسئۇل خادىم قاتارلىق بىۋاسىتە مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئۆمۈر بويى چەكلەشنى يولغا قويىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ