مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بۈگۈن ۋۇخەندە باشلىنىدۇ

109 دۆلەتتىن 9308 ھەربىي مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختا رېكورت يارىتىلدى، 27 چوڭ تۈر، 329 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى

2019.10.18 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 18- كۈنى كەچتە باشلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋۇخەندە ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەتۈر ساناققا كىرگەنلىكى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئۇقۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 109 دۆلەتتىن 9308 ھەربىي قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، كۆلەم جەھەتتە تارىختا رېكورت يارىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئازادلىق ئارمىيە تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا 406 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتكەن.

  دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «ھەربىيلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 27 چوڭ تۈر، 329 كىچىك تۈر تەسىس قىلىنغان. ھەم يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق 22 خىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرى، ھەم ھەربىي ئىشلار بەش تۈرى، ھاۋا ئارمىيە بەش تۈرى، دېڭىز ئارمىيە بەش تۈرى، پاراشۇت بىلەن سەكرەش ۋە نىشانلىق دالىدا يۈرۈش قاتارلىق ھەربىي ئىشلار ئالاھىدە تۈرى بار.

  ۋۇخەن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مەشىق باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيلى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ياكى ماھارەت سەۋىيەسى جەھەتتىن بولسۇن، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى. مۇسابىقىگە تىزىملىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك سەپ ئەۋەتكەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان تەنھەرىكەتچىدىن 67سى، رىئو دې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىردىن 118ى، ھازىرقى زامان بەش تۈرىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى سەككىز كىشى، بەش ھەربىي ئىشلار ئالاھىدە تۈرىدىكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيوندىن 43ى بار، بۇنىڭدىن بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە رىقابەتنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئارمىيەمىز 553 كىشىلىك تارىختا ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى تەشكىللەپ، 406 تەنھەرىكەتچى جەڭگىۋار، روھلۇق ھالەتتە مۇسابىقىدىن ئىلگىرى قاراتمىلىق مەشىق قىلىپ، مۇسابىقە تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىپ، ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت، ئەڭ كۈچلۈك ماھارەت ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، ئۇلار مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىقنى تاماملاپ، قاتتىق جەڭ قىلىش، ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش غەيرىتى ئارقىلىق ئالتۇن، كۈمۈش مېداللارغا ئېرىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن، گولف توپتىن باشقا 24 چوڭ تۈر مۇسابىقىسى ۋە ئىككى ئورۇنداش تۈرىگە كىرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ