مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى 10 چوڭ دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ پويىزغا سوقۇلۇش كىشىنى چۆچۈتىدۇ

2019.10.17 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىش؟ بۇ ھەرگىز تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەمەس، بەلكى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى جياڭشىدا يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسى. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان بۇ يىلقى 10 چوڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتى، بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 1 مىليون 274 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 1 مىليون 27 مىڭى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش دېلوسىدىن 247 مىڭى بار.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى بېسىمنى داۋاملىق قاتتىق ساقلاپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشىنى قاتتىق تۈزەپ، «ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك»نى كەڭ ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قائىدە ئېڭى ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا پائال رول ئوينىدى. لېكىن، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىكى جاھىللىق ۋە تەكرارلىق سەۋەبلىك، قىسمەن شوپۇرلار تەلەي سىناپ، خالىغانچە ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ، مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، بەزىلىرى ھەتتا ھادىسە سادىر قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىغا، مال-مۈلكىگە زىيان يەتكۈزدى.

  «ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى رەت قىلىش» ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىلقى 10 چوڭ دېلو مىسالىنى ئېلان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ