مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا بويىچە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى جەھەتتە يېرىمغا يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ

2019.10.17 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى 16- چېسلا ئېلان قىلغان يىللىق دوكلات «دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى يەر شارى پاتېنتى، تاۋار ماركىسى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھەسىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018- يىلى جۇڭگو دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قوبۇل قىلغان پاتېنت ئىلتىماسىنىڭ سانى تەخمىنەن بىر مىليون 540 مىڭگە يېتىپ، دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %46.4ىنى ئىگىلىدى، جۇڭگونىڭ پاتېنت ۋە تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولدى.

   بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2018- يىلى دۇنيا بويىچە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار جەمئىي 3 مىليون 330 مىڭ پارچە پاتېنت ئىلتىماسىنى سۇندى، بۇ ئۇدا 9 يىل ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى %5.2 بولدى؛ دۇنيا بويىچە تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش پائالىيىتى تەخمىنەن 14 مىليون 300 مىڭ تۈرگە يەتتى، ئەمما سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىنىش ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن بىر مىليون 300مىڭغا يەتتى. ئاسىيانىڭ پاتېنت، تاۋار ماركىسى ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىلتىماس قىلىنىش مىقدارى ئومۇمىي مىقدارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ