مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج خ مىنىستىرلىقى ئەمەلدىن قالغان ئاھالىلەر كىملىكىنى تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىدۇ

«بۇ مەن شۇ، مەن ئۆزۈم بېجىرىۋاتىمەن»دەپ كۆرسىتىپ بېرىشنىڭ تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىنىدۇ

2019.10.17 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىملىك بولسا، پۇقرالار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان گۇۋاھنامە بولۇپ، ئۇ "بىردىنبىر"گۇۋاھنامە خاراكتېرگە ئىگە. شۇڭا، نۇرغۇن جىنايەتچىلەر باشقىلارنىڭ كىملىكىگە كۆزتىكىپ، ئاھالىلەر كىملىكىنى يالغاندىن ياساش ۋە سېتىش-سېتىۋېلىش دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن جەمئىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، كىملىكنىڭ ساختا ئىشلىتىلىلىشى، كىملىك ئىگىىسى ئۆزى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەسىپ بېجىرىشى، ھەتتا «قانۇنىي ئىگە» قىلىنىشى، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقتى. بۇنداق مەسىلىلەرنى زادى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

  مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ خىل مەسىلىلەرگە قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى ئەمەلدىن قالغان ئاھالىلەر كىملىكىنى تورلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ توردا ئىش بېجىرىش ھالقىسىدا «بۇ مەن شۇ، مەن ئۆزۈم بېجىرىۋاتىمەن» دەپ كۆرسىتىپ بېرىشكە كېرەك بولىدىغان تېخنىكا مەسىلىنى ھەل قىلىدىكەن.

  يېقىندا، بېيجىڭدىكى بىر تور شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاڭ ئەپەندى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بىر كۆچمە تېلېفون كارتىسى بېجىرمەكچى بولدى، ئەمما ئۆزىنىڭ كىملىكى ئارقىلىق ئىلگىرى بەش تېلېفون كارتىسى ئېچىلغانلىقىنى بايقىدى، سانى توشۇپ كەتكەچكە بېجىرىشكە ئامالسىز قالدى. ۋاڭ ئەپەندى بىكاردىن-بىكار پەيدا بولغان بۇ 5 بارچە تېلېفون كارتىسىدىن قىلچە خەۋەرى يوق بولغاچقا، ئۇلارنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بارغاندا رەت قىلىنىپ، ئالدى بىلەن كارتا ئاچقان شىركەت بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېىن ئاندىن ئۇلارنى تىزىمدىن ئۆچۈرۈشكە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

  بۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىغانلار ۋاڭ ئەپەندىملا ئەمەس. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىئەندىكى ۋاڭ خانىم شەخسىي تاپاۋەت بېجى APPسىغا شەخسىي ئۇچۇرىنى تولدۇرغاندا، ئۆزىنىڭ نامىدا يەتتە شىركەتنىڭ بارلىقىنى، شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان يېرىنىڭ ئۇ ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان شېنجېن شەھىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ساقچىخانىغا بېرىپ دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇچۇر قەغىزىنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن شەھەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تەرتىپ بويىچە بېجىرىپ، ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ۋاڭ خانىم ئاندىن تىزىمدىن ئۆچۈرۈش تەرتىپىنى تاماملىغان.

  سالاھىيىتىنىڭ ساختا ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، سالاھىيەت ئىگىسى ھەم ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاش كېرەك، ھەم سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ساختا ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش كېرەك، بۇنىڭدا ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئىسپات ئېلىش تەننەرخى كېتىدۇ. «ئۇچۇر يېگانە ئارىلى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەمەلدىن قالغان ئاھالىلەر كىملىك ئۇچۇرلىرى سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر خىل گۇۋاھنامە ئىشلىتىش سىستېمىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېزلىتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ