مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى موڭغۇلدا يەتتە توننا ئورۇقلىتىدىغان «زەھەرلىك قەھۋە» تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلدى

جىنايەت زەنجىرى 20دىن ئارتۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە چېتىلىدۇ

2019.10.17 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شۇ جايدا يېقىندا بىر قېتىملىق ئۆلكە ئاتلاپ يېمەكلىككە «سىبۇترامىن» (西布曲明) نى قانۇنسىز قوشۇش دېلوسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق قەھۋەدىن 7.06 توننا تۇتۇپ قېلىنغان، 25 ئورام ئورالما ماتېرىيالى تۇتۇپ قېلىنغان، يەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى پېچەتلەنگەن.

  2018-يىلى 4-ئايدا، باۋتۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرگەندە، باۋتۇ شەھىرى كۇندۇلۇن رايونىدىكى مەلۇم كىيىم-كېچەك دۇكىنىنىڭ خادىمى جۇ ×× نىڭ يان تېلېفون ئۈندىدارىدىن پايدىلىنىپ «leptinXbao» ناملىق ئورۇقلىتىش قەھۋەسىنى ساتقانلىقىنى، بۇ قەھۋەنىڭ سىرتقى ئورالمىسىدا زاۋۇت نامى، زاۋۇت ئادرېسى قاتارلىق بەلگىلەر يوق ئىكەنلىكىنى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تەستىق نومۇرى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇ ×× نىڭ يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازىتى قاتارلىق ئالاقىدار سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى بايقالدى.

  قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، جۇ xx نىڭ سېتىش لىنىيەسى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ جاۋ xx ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى ھەمدە دېلوغا چېتىشلىق پارچە قاچىلانغان ئورۇقلىتىش قەھۋەسىدىن 40 نەچچە خالتا تۇتۇپ قالدى. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، ئورۇقلىتىش قەھۋەسىدىن زەھەرلىك، زىيانلىق غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى «سىبۇترامىن» تەركىبى تەكشۈرۈپ چىقىلدى.

  18 ئايلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، باۋتۇ شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ج خ تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، بۇ پەۋقۇلئاددە زور زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش زەنجىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى، سېتىش زەنجىرى گۇاڭدۇڭ، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، جېجياڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 20 نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، يەتتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، توڭلىتىپ قويۇلغان دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، سىبۇترامىننىڭ ئىشتىھا تۈگۈنىنى تورمۇزلاش رولى بار بولۇپ، بىمارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ كۆپۈش سېزىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىشتىھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئورۇقلىتىش مەقسىتىگە يېتىدىكەن. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىبۇترامىننى ئىشلەتكەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئورۇقلىتىپ داۋالاشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئۈنۈمدىن چوڭ بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك رىتىمى نورمالسىز بولۇش، يۇقىرى قان بېسىم، ھەتتا يۈرەك سوقۇشى توختاپ قېلىش ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، دېلوغا چېتىشلىق مەھسۇلاتقا قانۇنسىز قوشۇلغان «سىبۇترامىن» زەھەرلىك، زىيانلىق يېمەكلىك ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى قانۇنغا خىلاپ يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمەك، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ