IMF بۇ يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلەتتى

2019.10.16 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) نىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى گىتتا گوپىنات ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

  شۇ كۈنى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) ئەڭ يېڭى بىر سان «دۇنيا ئىقتىسادى كۆزلىمە دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، 2019-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %3 كە چۈشۈرۈپ، بۇ يىل 7-ئايدىكى مۆلچەر قىممىتىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەتتى. بۇ ھەم 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ