خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسى خۇاشيالىقلارنىڭ شان- شەرىپى. دۆلەتنىڭ بۇرچىنى زىممىمىزگە ئالىمىز ... » 9-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلىرى قەسەمياد يىغىنى ۋۇخەننىڭ خۇڭشەن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. خەن چياۋشېڭ، جۈ بىنبىن قاتارلىق پىدائىيلار ئوبراز باش ئەلچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1000غا يېقىن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پىدائىي ۋەكىللىرى تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.
«پىدائىيلار كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شانلىق نەتىجە يارىتىمىز». 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىپ، ئەڭ گۈزەل تەبەسسۇم ئارقىلىق مەدەنىيەتلىك، قىزغىن، دوستانە ۋۇخەن «نام كارتىسى»نى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى نەچچە يۈز مىڭ مېھماننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 230 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي يىغىلدى.
26 مىڭغا يېقىن كەسپىي مۇلازىمەت پىدائىيسى مۇسابىقە ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ
10-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 20دە، 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ھەربىيلەر مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ رېپېتىتسىيەسى ۋۇخەن تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. 2000دىن ئارتۇق پىدائىي بالدۇر كېلىپ، رېپېتىتسىيە تەييارلىقى ۋە تاماشىبىنلارنى باشلاشقا قاتناشتى.
بۇلتۇر 4-ئايدا، ۋۇخەن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇسابىقە پىدائىيلىرى قوبۇل قىلىشنى باشلاپ، ئاساسلىقى قىسىم مەكتەپلىرى، ۋۇخەندىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، خەلقئارا چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، چوڭ تىپتىكى كارخانا قاتارلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، قاتلاممۇ قاتلام تاللاش ئارقىلىق، ئىككى تۈركۈمدە تىزىمغا ئالدۇرغان 90 مىڭ 200 كىشى ئىچىدىن ئاخىرى 26 مىڭغا يېقىن كىشىنى تاللىدى. 10 كۈنلۈك مۇسابىقە مەزگىلىدە، بۇ مۇسابىقە پىدائىيلىرى ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كەنتى، مۇسابىقە مەيدان-سارايلىرى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق سورۇنلارغا بېرىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، قاتناش جەھەتتە يېتەكلەش، تىل مۇلازىمىتى، ئاخبارات-تەشۋىقات قاتارلىق 50 نەچچە ئىش ئورنىغا بۆلۈنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ