مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى ئېلان قىلىش باسقۇچىدا 6007 كىشى ئىسىملىككە كىردى

2019.10.16 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىش مەلۇماتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېيىن ئېلان قىلىش ۋە نوپۇس بېجىرىش باسقۇچىغا كىرگەن. شۇ چاغدا، بۇ يىل جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى مەلۇم قىلغان 106 مىڭ 403 ئىلتىماس قىلغۇچى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى توردا مەلۇم قىلىش سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ شۇ يىللىق جەملىمە نومۇرى ۋە رەت تەرتىپىنى كۆرەلەيدىكەن، نوپۇسقا ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلارنىڭ ئىسىملىكى بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «پايتەخت كۆزنىكى» تور پونكىتىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، ئېلان قىلىش ۋاقتى 2019- يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنىڭ نوپۇسقا ئېلىش كۆلىمىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى شەھەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە نوپۇسنى تەڭشەپ كونترول قىلىش نىشانى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، 2019-يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىش كۆلىمى يەنىلا 6000 كىشىكەن. ھەر يىلى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، يىللىق جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىش كۆلىمىنىڭ ئەمەلىي نومۇرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. بۇ يىلقى مۇناسىپ ئەڭ تۆۋەن نومۇر 93.58 بولۇپ، ئوخشاش نومۇرلۇقلار تەڭ نوپۇسقا ئېلىنىپ، ئەمەلىي 6007 كىشىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنغان. ئېلانغا باشقىچە پىكىر بولمىسا، 2019-يىلى 10- ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2021-يىلى 12- ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىملىق نوپۇسى بېجىرىلىدىكەن. ئېلان قىلىنغانلارغا باشقىچە پىكىر بولسا، ئېلان قىلىش مەزگىلىدە ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆز نامىدا يازمىچە ئىنكاس قىلسا بولىدىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر راست بولسا، نوپۇسقا ئېلىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن. سەمىمىي مەلۇم قىلىشقا خىلاپلىق قىلغان ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ