خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 15-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە پەرق يوق.
شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى يېقىندا ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ ماھىيەتلىك بىرىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپنىڭ بەزى ساھەلەردە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ تىرىشىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە پوزىتسىيەسى بىردەكمۇ؟
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن مەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردۇم. ئامېرىكىنىڭ دېگىنى ئەمەلىي ئەھۋال، بىز ئىگىلىگەن ئەھۋال بىلەن بىردەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە پەرق يوق».
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئىقتىساد-سودا كېلىشىمى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوغا، ئامېرىكىغا ۋە دۇنياغا پايدىلىق، ئىقتىساد-سودىغا ۋە تىنچلىققىمۇ پايدىلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ