مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزدە پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ چىقىلدى

2019.10.16 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى ھارپىسىدا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شېنياڭدىكى"ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى"دا جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇغقان تونۇش مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى باھالاپ سېلىشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 6 پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇئەييەنلەشتۈرگگەن كوللېكتىپ بولسا، ئارمىيەدىن كەلگەن بىر پەن تەتقىقات كۈچى-ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي تېببىي تەتقىقات يۇرتى ۋاڭ شېڭچى كوللېكتىپى بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ كوللېكتىپ بولسا، كونا جەسەتلەر ئىچىدىن ئېغىر دەرىجىدە پارچىلانغان مىكرو مىقدارلىق DNAنى ئېلىش، مۇرەككەپ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى سالاھىيىتىنى باھالاش قاتارلىق خەلقئارادا قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدىغان بۇ مەسىلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۈچ خىل ئىرسىيەت بەلگىسى تىپىغا ئىگە پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرىدىغان ئامبارنى تۇنجى قېتىم قۇرۇپ چىقىپ، تۇغقان تونۇپ سېلىشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىرغا قەدەر، 494 پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى تەھلىل قىلىش ئىشى تاماملاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ