2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۇنىۋېرسال مانېۋىر پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
خۇ چۈنخۇا قاتناشتى
2019.10.16 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ چۈنخۇا 15- چېسلا شاڭخەيدە 2- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۇنىۋېرسال مانېۋىرى پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىپ، 2- نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ سەۋىيەسى، ئالاھىدىلىكى ۋە بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ