مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاخبارات مۇخبىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم

−− دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى مۇخبىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2009-يىللىق ئاخبارات مۇخبىرلىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ئىمتىھانى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

2019.10.16 14:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى يېقىندا «2019-يىللىق ئاخبارات مۇخبىرلىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ئىمتىھانىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى مۇخبىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا 2019- يىللىق ئاخبارات مۇخبىرلىرىنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ئىمتىھانى خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ساھە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ يىل مۇخبىرلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ؟ قايسى كىشىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك؟

  جاۋاب: ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە مۇھەررىرلەرنى تەربىيەلەش ۋە باھالاشقا تەشكىللەش ئاساسلىقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك» بولۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاخبارات مۇخبىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ سىياسىي ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ تەشۋىقات ئىنتىزامىغا ۋە تەشۋىقات قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  «مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ، بۇ يىل مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىش يىلى. خىزمەت ئادىتىگە ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە يېڭى نۇسخىدىكى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى بىر تۇتاش ئالماشتۇرۇپ تارقىتىش ئالدىدا، مەملىكەت بويىچە مۇخبىرلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ئىمتىھانى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مۇخبىر-مۇھەررىرلەردىن تەربىيەلەش، سىناشتا لاياقەتلىك بولغانلىرى تەرتىپ بويىچە مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئالىدۇ.

  گېزىت نەشر قىلىش ئورنى، نەشرىيات ئورنى، ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاخبارات كىنو ئىستۇدىيەسى، ئاخبارات مۇخبىرلىق كىنىشكىسى تارقىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەركەزدىكى 14 ئاساسلىق ئاخبارات تور بېكىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى مۇخبىرلىق كىنىشكىسى ئالىدىغان مۇخبىرلار ۋە 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتكەن ئاخبارات مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تەربىيەلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك.

  ئىلگىرىكى ئادەتكە ئاساسەن ئاخبارات، ئاڭلىتىش، رىياسەتچىلىك كەسپىدە مۇئاۋىن ئالىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانى بار خادىملار تەربىيەلەشكە ئەستايىدىل قاتنىشىشى كېرەك، لېكىن ئىمتىھان كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا تۇرۇشلۇق خادىملىرى ۋە ھەقىقەتەن ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھانغا قاتنىشالمىغان خادىملىرىغا، ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، باشقىدىن ئىمتىھان تەشكىللەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ