گەنجياڭ دەرياسى نەنچاڭ بۆلىكىنىڭ سۇ ئورنى تۆۋەنلەپ كەتتى

جياڭشى ئۆلكىسى قۇرغاقچىلىقتىن قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

2019.10.15 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى ئادەم يېرىلىپ كەتكەن دەريا قىنىدا ماڭماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- ئۆكتەبىر سائەت 16 دە، جياڭشى ئۆلكىلىك كىلىمات مەركىزى قۇرغاقچىلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. يامغۇر ئۇدا ئاز ياغقاچقا، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ جياڭشى نەنچاڭ بۆلىكىدىكى سۇ ئورنى 11.57 مېتىرغا چۈشۈپ قېلىپ، كەڭ كەتكەن قۇملۇق سۇ يۈزىگە چىقىپ قالدى. جياڭشى ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، جياڭشى ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 96 مىللىمېتىر بولۇپ، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەتتىن %70 ئاز بولغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جياڭشى ئۆلكىلىك سۇچىلىق تارماقلىرى ئىلمىي تەڭشەپ، سۇ باشلاش، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەۋېتىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نەنچاڭ، جيۇجياڭ، شاڭراۋ، جىڭدېجېندىن ئىبارەت تۆت رايون تەسىس قىلىنغان شەھەردىكى 13 ناھىيە (شەھەر، رايون) جەمئىي 97 مىليون 176 مىڭ كۇب مېتىر سۇ باشلاپ، 1 مىليون 230 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ