مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز مالىيەسى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ قوللىدى

بۇ يىل 22 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئالاقىدار مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2019.10.15 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى مەركەز مالىيەسى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەبلەغدىن 22 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2018- يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى مەملىكەت بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق مۇزېي، خاتىرە سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى (پونكىتى) قاتارلىق جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق قوللىغان؛ جامائەت رەقەملىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، كۆچمە سەھنە ئاپتوموبىلى، دۆلەت جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈلگە رايونى (تۈرى)، رادىيو- تېلېۋىزىيەنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مەدەت بەرگەن؛ دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۆلچىمى ۋە يەرلىكنىڭ يولغا قويۇش ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان؛ ئاساسىي قاتلام جامائەت مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە نامرات رايونلارنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا مايىللاشتۇرۇلۇپ مەدەت بېرىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ تىياتىرنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈشى، كەنت ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنىڭ رادىيو سىستېمىسى ئۈسكۈنىلىرىنى جىددىي سېتىۋېلىشىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن مەخسۇس 1 مىليارد 690 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ