مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قارا كۈچلەرگە، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىككە ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئائىت دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەدلىيە ئورگىنىغا 5500 كىشىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

2019.10.15 16:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ 2-قېتىملىق ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان قارا كۈچلەرگە، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىككە ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئائىت دېلولاردىكى 5500 كىشىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە زەربە بېرىشنى كېيىنكى قەدەملىك خىزمەتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، «مۇناسىۋەت تورى»نى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ، ھەرگىز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى. ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، 9-ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق 2367 تەشكىلاتنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 29 مىڭ 571 جىنايەت گۇرۇھىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى، قارا كۈچلەرگە، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 34 مىڭ 792 جىنايەتچىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. مەملىكەتلىك قارا كۈچلەرنى تازىلاش ئىشخانىسى يۈننەن سۈن شياۋگو دېلوسى قاتارلىق 47 چوڭ، مۇھىم دېلوغا ۋىۋىسكا ئېسىپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرىشىگە قارىتا، مەخسۇس كۈرەشنى توغرىسىغا كېڭەيتىش، ئىچكىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېلونى پاش قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش»، «مالىيە مەنبەسى ۋە يېڭى قان تولۇقلاشنى ئۈزۈپ تاشلاش»، ساھەنى تۈزەش قاتارلىق تۆت جەھەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ