مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تېخنىكا سۈپىتىدىكى"5G+"نىڭ ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى پىلانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ سودىدا ئالدىن قوللىنىلىشى ۋە ئالدىن سىناق قىلىنىشىنى يولغا قويۇش _ _ _

خۇبېيدا "5G+"نىڭ ئالدىن سىناق قىلىنىشى باشلىدى

2019.10.15 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 22- كۈنى، خۇبېي ۋۇخەن دۆلەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر تور بىرلەشمىسىنىڭ ئاپتوموبىل سىناق ئۈلگە رايونىدا، ئادەمسىز ھەيدىلىدىغان "5G+"لىق ئاپتوموبىللارنى سىناق قىلىش ئىجازەت نامىسىغا ئېرىشكەن يەتتە ئاپتوموبىل يولدا سىلىق ماڭدى؛ 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، خۇبېي ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خۇبېي شىركىتى بىرلىكتە قۇرغان «5G ئەقىل-پاراسەت مۇزېيى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، تاماشىبىنلار APP ئارقىلىق، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن «ئۇچرىشىش»قا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى؛ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىدىكى تۇنجى5Gلىق يىراق مۇساپىلىك ئوپېراتسىيە شىيەن شەھىرى تەيخې دوختۇرخانىسىدا قانات يايدۇرۇلدى، ئارقىدىن، خۇبېي ئۆلكىسى سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى5Gلىق ئەقلىي داۋالاش ھەرىكەت پىلانى باشلاندى . . .

  بۇلار خۇبېينىڭ 5G تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىق ئەھۋالىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر. بۇ يىل 5Gنىڭ سودىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ تۇنجى يىلى. قىسقىغىنە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، خۇبېي 5Gنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق كۆپ ساھەلەردە «سىناق» قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ