مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاق تاشلىق كىتاب: جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى

(2019- يىلى 10- ئاي)

2019.10.15 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

  خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاشلىق خەلقنىڭ جېنى. ئاشلىق دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ كەلدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ۋە بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز، خەلق تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات بولۇشتەك ۋەزىيەت ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئوزۇقلۇق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە ئالەمشۇمۇل زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، «ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەمىنلەش، ئوزۇقلۇق ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى ئاشلىق بىخەتەرلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنى ئاساس قىلىش، دۆلەت ئىچىدە مەۋقە قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش ۋە پەن-تېخنىكا تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو مەۋقەنى دۆلەت ئىچىدە ئاشلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئەڭ قاتتىق قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «ئاشلىقنى يەردە ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئوبوروتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق كەسپى ئىقتىسادىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ سىجىلچان ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نەتىجىدە، جۇڭگوچە ئاشلىق بىخەتەرلىكى يولىدا ماڭغانسېرى، قەدەملەر پۇختا ۋە ساغلام، يوللار بارغانسېرى كەڭرى بولىۋاتىدۇ.

  ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى، ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ كۈچ بولۇپ كەلدى. جۇڭگو دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئالاھىدە ئېلان قىلىندى. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ