مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەت ئەلگە قېچىپ كەتكىنىگە 17 يىل بولغان جىنايەت گۇماندارى دەي يۆبىڭ مەجبۇرىي ھالدا دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى

2019.10.15 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، خۇنەن ئۆلكىسى ۋە شاۋياڭ شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، ھەم شۇنداقلا ج خ ئورگانلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكىنىگە 17 يىل بولغان جىنايەت گۇماندارى دەي يۆبىڭ مەجبۇرىي ھالدا دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىندى.

  دەي يۆبىڭ، ئەر، 1974- يىلى تۇغۇلغان، خۇنەن ئۆلكىسى ۋۇگاڭ شەھەرلىك تاماكا شىركىتىنىڭ پۇل تاپشۇرۇپ ئالغۇچى سابىق كاسسىرى. 2002- يىلى دەي يۆبىڭ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شىركەتنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن ھەمدە سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇزاققىچە چېگرا سىرتىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. 2002- يىلى 4- ئايدا، ۋۇگاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىيانەتچىلىك جىنايىتى بىلەن ئۇنىڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەش ئېلىپ بارغان. 2016- يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى ئۇنىڭغا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. دەي يۆبىڭ تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، خىيانەت قىلىپ تاپقان ھۆكۈمەت پۇلىنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇردى.

  مەركەز قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: دەي يۆبىڭنىڭ مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇپ كېلىنىشى قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بويىچە، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇپ زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قاچقانلارنى قوغلاپ تۇتۇش ۋە ئاخىرغىچە قوغلاشتەك روشەن مەيدانى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىق سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، چىرىكلىك جىنايىتىگە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنى يۆتكەپ كېلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق قانۇن يوللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن بويىچە جازالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ