ۋۇخەن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەربىيلەر تەنھەرىكەت كەنتىنى زىيارەت

2019.10.14 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ۋۇخەن ھەربىيلەر تەنھەرىكەت كەنتىنىڭ ئىچكى مەنزىرىسى (13-ئۆكتەبىر تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرى كەنتى تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋۇخەن شەھىرى جياڭشيا رايونى خۇاڭجياخۇ كۆلى بويىغا جايلاشقان ھەربىيلەر تەنھەرىكەت كەنتى دۇنيا ھەربىيلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى تۇنجى مەركەزلىك يېڭىدىن سېلىنغان تەنھەرىكەتچىلەر كەنتى بولۇپ، جەمئىي 1958 يۈرۈش ئېسىل زىننەتلەنگەن ئۆي بار. 15-چېسلادىن باشلاپ، ھەربىيلەر تەنھەرىكەت كەنتى 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، قاتناش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كەنتتە يەنە داۋالاش سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، پىدائىيلار ئائىلىسى، بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، سودا مۇلازىمەت كوچىسى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەنھەرىكەتچىلەرگە ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ